Bazanlar【P-R-K-D】 作词 : Upuk/Mz 作曲 : KAMALOV MZ بەزەنلەر خوشال بەزەنلەر غەمكىن بەزەنلەر جىق ئىشقا يولۇقسىمۇ تەمكىن بەزەنلەر مەڭگۈ رازى بولمايدۇ سەندىن بەزەنلەرنىڭ پۇلى بار بولسىمۇ خالىي بولالمايدۇ غەمدىن بەزەنلەر تېنى ئاجىز بولغان بىلەن قارام كېلىدۇ بەزەنلەرنىڭ كاللىسى ساق بولغان بىلەن ساراڭ كېلىدۇ بەزەنلەرچۇ ئالىم بولسىمۇ گەپلىرى ئوخشاش يالغان كېلىدۇ ئابرويلۇق ئادەم قىلىپ قويىدۇ ھەتتا شۇ نامەرتنىمۇ بەزەنلەر باغرى تاش بېرىدۇ ئايالىنىڭ خېتىنى بەزەنلەر خوتۇن ئەپ بوپ تاتىدۇ ئانىسىنىڭ ئاق چېچىنى بەزەنلەرچۇ كۈندە ئۆتكۈزىدۇ قىزىل يېشىل كېچىنى بەزەنلەرگە كۆرۈنمەيدۇ دادىسىنىڭ كۆز يېشى نېمىشقا بەزەنلەرنىڭ بېسىمى كۆتۈرەلەيدىغىنىدىن ئېشىپ كەتكەن بەزەنلەر پۇل ئۈچۈن سۆيىدىغان ئادىمىدىن كېچىپ كەتكەن بەزەنلەر ئۆي ئۈچۈن ئارزۇنى تاشلاپ ئالىدۇ كەتمەن بەزەنلەر سەل بەزەن ئەمەس بەزەن بولۇپ كەتكەندىمەن Hook بەزەنلەر پۇتلاشسا يولىدا تەمكىن قوپىدۇ بەزەنلەر ئاھ ئۇرۇپ نىشاننى تاشلاپ قاچىدۇ بەزەنلەر كۈلۈپ تۇرسا بەزەنلەر كەينىدە سانجىيدۇ بەزەنلەر ئۆزگىرەيدۇ بەزەنلەر شۇ پېتى شۇ يەردە Upuk بەزەنلەرنىڭ يۈز ئابرويى ئاتا ئانىسىدىن مۇھىم بەزەنلەرگە پۇل مال دۇنيا خوتۇن باللىرىدىن مۇھىم بەزەنلەرگە ياخسا يامغۇر ئۇنتۇپ كېتىدۇ ئاپتاپنى بەزەنلەر بىر چىشلەم نانغا خوشال ئۆتىدۇ بىر كۈنى بەزەنلەر مەيلى قانداق بولسۇن يەنە شۇ پېتى بەزەنلەر ئازىراق ئىشقا 72خىل ئۆزگۈرىشى بەزەنلەر كۈلۈپ تۇرسا بەزەنلەرنىڭ كۆز يېشى ئوخشاش بولغان ئىشقا ئوخشاش بولمىغان پوزىتسىيىسى بەزەنلەر ئىشىنىپ كېتىدۇ بەزەنلەرنىڭ گەپ سۆزىگە بەزەنلەر ئىشەنمەيدۇ ئاتا ئانىسىنىڭ نەسىھىتىگە بەزەنلەر كۈندە ئويناپ كۆڭۈل ئېچىپ يۈرگەن چاغدا بەزەنلەر كېچە دېمەي تەر تۆكىدۇ ھاياتىدا بەزەنلەرگە تەسىر قىلسا بەزەن ئىشلار بەزەن چاغدا بەزەنلەرنىڭ بەزەن سۆزلىرى سانجىلىدۇ بەزەن چاغدا بەزەنلەرنىڭ كۆز ياشلىرى تۆكۈلگەندە بەزەن چاغدا ھېس قىلىدۇ بەزەن ئىشنى بەزەنلەر كەتكەن چاغدا Hook بەزەنلەر پۇتلاشسا يولىدا تەمكىن قوپىدۇ بەزەنلەر ئاھ ئۇرۇپ نىشاننى تاشلاپ قاچىدۇ بەزەنلەر كۈلۈپ تۇرسا بەزەنلەر كەينىدە سانجىيدۇ بەزەنلەر ئۆزگىرەيدۇ بەزەنلەر شۇ پېتى شۇ يەردە