Muallim《老师》2014 作词 : Muhtar Bugra 作曲 : Hekim Hasan مۇئەللىم شام چىراغ روھ دۇنياسىغا مۇئەللىم نۇرىڭىز بەردى ھارارەت مۇئەللىم ئەجرىڭىز پەن قىياسىغا ئۆرلەشتە مەڭگۈلۈك قۇدرەت-جاسارەت خىلۋەتتە كۆز ئاچقان نامسىز بۇلاقتەك چاڭقىغان يۈرەككە بەردىڭىز زەم-زەم مېھرىڭىز يېلىنجاپ تۇرغان چىراغتەك چۆمۈلدى نۇرلارغا جىمىكى ئالەم بۇ ئالەم گۈزەللىك ئانىسى ئىكەن بۇ ئالەم مىسالى چېلىشىش مەيدانى بۇ ئالەم گۈزەللىك ئانىسى ئىكەن بۇ ئالەم مىسالى چېلىشىش مەيدانى سەبىيلەر تېنىگە سانجىلسا تىكەن بولدىڭىز مۇستەھكەم پولات قورغانى مۇئەللىم سۆلەتلىك ئەمەس ھۆسنىڭىز مۇئەللىم مەكتەپتە سىز ئاددىي ئادەم مۇئەللىم ئالەمدەك كەڭرى كۆكسىڭىز سىز بۈيۈكلۈك تەختىدە تەنھا، مۆھتەرەم كەچۈرگەچ بېشىڭىز نى نى قىسمەتنى قارايسىز دۇنياغا شۇڭا ئۆزگىچە تونۇتۇپ بارىسىز تارىخ ھېكمەتنى يۇلتۇزدەك كۆزىڭىز تا يۇمۇلغىچە بۇ ئالەم گۈزەللىك ئانىسى ئىكەن بۇ ئالەم مىسالى چېلىشىش مەيدانى بۇ ئالەم گۈزەللىك ئانىسى ئىكەن بۇ ئالەم مىسالى چېلىشىش مەيدانى بۇ ئالەم مىسالى چېلىشىش مەيدانى سەبىيلەر تېنىگە سانجىلسا تىكەن بولدىڭىز مۇستەھكەم پولات قورغانى